首页
学习
活动
专区
圈层
工具
发布

ئادەمنىتىرىككۆمىۋەتسەھاياتقالالامدۇ؟

تىرىك كۆمۈلۈپ كەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۇ كېنو ئېيتىپ بەرسۇن

بۇ كىنودا ئامېرىكىلىق ھۆددىگەر پائۇل (رىيان رېينولدىس) ھوشىغا كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قاراڭغۇ بىر جايدا ئىكەنلىكىنى ھەمدە يېنىدا بىر چاقماق، بىر پىچاق ۋە بىر يانفون بارلىقىنى بايقايدۇ، شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ بىر جەسەت ساندۇقىغا سولىنىپ قۇملۇقنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە تىرىك كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ يەرگە سولىنىپ قالغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيدۇ ھەمدە سىرتتىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنۇپ، زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەكچى بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى قانداق قىلىپ بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش... يانفوننىڭ توكى تۈگەش ئالدىدا، پائۇل يېنىدىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ سىرتتىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلالامدۇ؟ ئالاقىلاشقان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەرمۇ؟

  • 发表于:
  • 原文链接https://kuaibao.qq.com/s/20230619A09UOR00?refer=cp_1026
  • 腾讯「腾讯云开发者社区」是腾讯内容开放平台帐号(企鹅号)传播渠道之一,根据《腾讯内容开放平台服务协议》转载发布内容。
  • 如有侵权,请联系 cloudcommunity@tencent.com 删除。
领券