首页
学习
活动
专区
工具
TVP
发布
精选内容/技术社群/优惠产品,尽在小程序
立即前往

بۇيىللىق شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كارخانىلار تىزىملىكى ئىلان قىلىندى

يىقىندا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى 2023-يىللىق نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگۈسىدە كاپىتال بازىرىغا پاينى بازارغا سىلىشتىكى زاپاس كارخانىلار تىزىملىكىنى ئىلان قىلدى.بۇ يىل تىزىملىككە 13 ۋىلايەت ئوبلاستتىن 233 كارخانا كىرگەن بولۇپ، ئۈچ كۆلچەككە  بۆلۈنگەن.بۇ يىل 23 كارخانا يىڭىدىن تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ،ئۇلار بىئو تىببىي دورا،يىڭى ئىنىرگىيە،يىزا-ئىگىلىكى،مۇھىت ئاسراش،سايەھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.                        

ئاپتونۇم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى   ئاپتونۇم رايۇننىڭ سەككىز چوڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ پىيى بازارغا سىلىماقچى بولغان زاپاس كارخانىلارنىڭ سىياسەت ئارقىلىق يىتەكلەش، يىتىشتۈرۈش، يىتىلدۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ،پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش،جىپسىلاشتۇرۇش تەرتىپلىك بولۇش، سىجىل تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە 2023-يىللىق پىيى بازارغا سىلىنىدىغان كارخانىلارنى ئامبارغا كىرگۈزۈشنى تاللاش،ھەرىكەتچان باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

بۇيىل 7-ئاينىڭ ئاخىرغىچە شىنجاڭدا پاينى بازارغا سالغان شىركەتلەر سانى 60غا يەتكەن بولۇپ،غەربىي شىمال رايۇنى بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.2017-يىلى دۆلەتلىك ئاكسىيە نازارەت كومىتىتى شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا قارىتا پاينى بازارغا سىلىشتا تىز تەستىقلاش،تىز بازارغا چىقىرىش،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىركەتلاردىن پەرىقلىق ھالدا ئالاھىدە كۆزنەكتە ئۆچرەتتە تۇرۇشتەك ئالاھىدە سىياسەتنى چىقارغاندىن باشلاپ شىنجاڭدا پاينى بازارغا سالىدىغان شىركەتلەر سانى كۆرۈنەرلىك ئىشىپ ماڭدى.2012-يىلى پاينى بازارغا سىلىشقا كۈچى ئاجىزلىق قىلىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىيجىڭدا يىڭى ئۈچىنجى بۆلەك تەسىس قىلىنغان بولۇپ،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بىيجىڭ ئاكسىيە بازىرى قۇرۇلغاندا يىڭى ئۈچىنجى بۆلەك بىيجىڭ ئاكسىيە بازىنىڭ باشقۇرشى ئاستىدا بولدى.يىڭى ئۈچىنجى بۆلەك بولسا پاينى بازارغا سىلىشقا سىلىشقا شەرتى توشمايدىغان مۇنتىزىم تۈزۈمدىكى شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش،شىركەت قەرز چىكى تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ قىيىنچىلقىنى ھەل قىلىشنى مەخسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ،شىنجاڭدىن ئەڭ كۆپ بولغان چاغدا 115 شىركەت يىڭى ئۈچىنجى بۆلەككە ئەزا بولغان،ھازىر شىنجاڭدىن 55 شىركەت بۇ ئورۇنغا ئەزا.شىنجاڭدا لوڭبو گورۇھى بولسا شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت كارخانىلىرى ئىچىدە تۇنجى ھەم بىردىنبىر يىڭى ئۈچىنجى بۆلەككە ئەزا شىركەت.                                                                            

بىر شىركەت قۇرۇلۇپ مەيلى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانسۇن،ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسۇن ھەربىر تەرەققىيات باسقۇچىدا مەبلەغ قىيىنلىقىغا دۇچ كىلىدۇ.ياخشى بولغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بولغان،توغرا قانۇنلۇق مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش يولىدا ماڭغان شىركەتلەرلا ئۆز ساھەسىدە ئۈزۈپ چىقىپ رايۇن خارەكتىرلىك ،دۆلەت خارەكتىرلىك چوڭ شىركەتگە ئايلىنالايدۇ.                                                                         

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بولسا 2012-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە تەستىقى بىلەن 100مىليۇن مەبلەغ سىلىنىپ  ئۈرۈمچى بىيجىڭ يولىدا شىنجاڭ پاي ھوقۇق سودا مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ ھازىرغىچە بۇ ئورۇنغا 900غا يىقىن شىركەتلەر ئەزا.شىنجاڭ پاي ھوقۇق سودا مەركىزى بولسا ئەزا شىركەتلەرگە قارىتا تەربىيلەش ئىلىپ بىرىش،كاپىتال بازىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىش،پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش ئىھتىياجى بار شىركەتلەرگە قارىتا تەربىيلەش،ئۇچراشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بىرىشنى مەخسەت قىلىپ قۇرۇلغان.كارخانىلار بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىياسەتلىرى،مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش بىلىملىرىگە ئىگە بولالايدۇ.                                           

نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى پىيى بازارغا سىلىنغان 60 شىركەتگە قارايدىغان بولساق 30پۇخراۋى شىركەت،30 دۆلەت كارخانىسى بولۇپ،شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەت ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىدىكى ئۇچۇردا يەنە 23 شىركەت تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشتەك تەييارلىقنى قىلىپ بولۇپ رەسمىي ئەنگە ئىلىنىپ پاينى بازارغا سىلىشقا ئۆچرات ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ.                                                                 

بۇ قىتىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى ئىلان قىلغان نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگۈسىدە پاينى بازارغا سىلىش زاپاس كارخانىلار تىزىملىكى 3 كۆلچەككە بۆلۈنگەن بولۇپ،ئا كۆلچەكتىكى شىركەتلەر بىۋاستە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھوكۇمەت نۇقتىلىق قوللاپ كەلگۈسىدە پاينى بازارغا سىلىش نىشان قىلىنغان شىنجاڭ چىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 16شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.                                                                      

ب كۆلچەككە جەمئىي 58 شىركەت كىرگەن بولۇپ.بۇلار ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ۋە شىركەت تەۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تەڭ قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنغان شىركەتلەر.بۇنىڭغا ئۈرۈمچى بانكىسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،ئۈرۈمچى بىييۈئەنچۇن گورۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،شىنجاڭ يىندۇلەن ئۇيغۇر تىبابەت پاي چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ شىيۇچۇن سۇتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،شىنجاڭ شىياۋچۇ يىمەكلىك چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ شىنلىياڭ خۇامەي ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ.                                                                               

س كۆلچەكتە بولسا 159 شىركەت بار بولۇپ،بۇلار ئاساسلىق يەرلىك ھۆكۈمەت بىۋاستە قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنغان شىركەتلەر.شىنجاڭ لوڭبو ئوقەتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى،جىيايىن دوختۇرخانىسى گورۇھى پاي چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ بەيفۇ يىمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ تىيانشان ئۈنچىلىق گورۇھى پاي چەكلىك شىركىتى،غۇلجا نالا سۈتچىلىك گورۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،شىنجاڭ قەشقەر يىزا ئىگىلىك سودا تەرەققىيات بانكىسى،شىنجاڭ قەشقەر باھارى ئاشلىق ماي چەكلىك مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ دولان قۇياش نۇرى يىزا-ئىگىلىك چارۋىچىلىق پەن تىخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ ئەلنۇرى يىزا-ئىگىلىك پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ روڭچىڭ خاكى دورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (قازاق تىبابەت تەتقىقات)،قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىدە ئالىدۇ.بۇ گورۇپپىغا بۇ قىتىم قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن يىزا ئىگىلىك،يىمەك-ئىچمەك،چارۋىچىلىك ساھەسىدىن خىلى كۆپ شىركەت كىرگەن.                                                                

تۆۋەندە مەن بۇ قىتىم نازارەت ئىلان قىلىنغان نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تىزىملىكىدىكى ئۇيغۇر تىبابەت،يىزا ئىگىلىك،يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى بەزى شىركەتلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.                                        

ئۇيغۇر تىبابەت ساھەسى:

ئۇيغۇر تىبابىتى بولسا جوڭگودىكى تۆت چوڭ ئاز سانلىق مىللەت تىباىتىنىڭ بىرى بولۇپ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ھەر جەھەتتىن زور قوللىشى بىلەن ناھايىتى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى،بىر تۈركۈم ئەمەلىي كۈچى بار ياخشى كارخانىلار روياپقا چىقتى.                                                                               

1-شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،ئۇيغۇر تىبابەت گورۇھى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ قىتىم ب كۆلچەككە كىرگەن بولۇپ،ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىبابەت دورا زاۋۇتى ئاساسىدا 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى بىلەن ۋۇخەن رىنفۇ تىببىي دورىگەرلىك گورۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورتاق مەبلەغ چىقىرىشى ئاستىدا قۇرۇلغان،تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 100مىليۇن يۈئەن،700دىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئىشچى خىزمەتچىلىرى بار،ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى خىزمەتچىلەر ئۈچتىن بىرنى ئىگىلەيدۇ.شىركەتنىڭ 2022-يىللىق تىجارەت سوممىسى 750مىليۇنغا يەتگەن.دۆلەت ئىچىدە ئالقىشقا ئىرىشكەن زۇكام جەۋھىرىنىڭلا يىللىق سىتىلىش سوممىىسى 300مىليۇندىن ئاشقان بولۇپ 20 خىل دورا ئىجارەت مەھسۇلاتلىرى بار.شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىبابەت خام ئەشيالىرىنى تىرىش،تەتقىق قىلىش،ئىشلەپچىقىرىش،سىتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقاتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك باشلامچى شىركەت.                                    

2-شىنجاڭ چىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى-شىركەت بولسا دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى پەن تىخنىكا شىركىتى،دۆلەت تەرىپىدىن ئالاھىدە بىكىتىلگەن ئازسانلىق مىللەتلەر تىبابىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىگە ئىگە شىركەت.تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 60مىليۇن يۈئەن،570 ئىشچى خىزمەتچىسى بار،يىلدا بىر مىليارد يۈئەنلىك دورا ئىشلەپچىقىش كۈچىگە ئىگە.شىركەتنىڭ ئون نەچچە خىل ئۇيغۇر تىبابەت تەستىق دورىلىرى بار،شىركەت 15-5 يىللىق پىلاندا شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسنى ئىككى مىلياردقا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان.شىنجاڭ چىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى ھازىر شىنجاڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك كەسپى مەبلەغ سىلىش شىركىتى شىپا گورۇھى قارمىقىدا بولۇپ بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان تىزىملىكتە ئا كۆلچەككە كىرگەن.كۈچلۈك شىپا گورۇھىنىڭ قوللىشى ئاستىدا كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا كاپىتال بازىرىغا چىقىش ئىھتىماللىقى كۈچلۈك.                                                                             

3-خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت پاي چەكلىك شىركىتى،شىركەت 2005-يىلى خوتەندە شىنجاڭ ۋۇشى مەبلەغ سىلىش چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقاتىدىكى باشلامچى شىركەتنىڭ بىرى.شىركەت خوتەن لوپ ناھىيەسىدە 5000مولۇق ئۇيغۇر تىبابەت خام ئەشيا تىرىش بازىسى بار.2022-يىللىق تىجارەت سوممىسى 173مىليۇن يۈئەن.2016-يىلى 5-ئايدا كاپىتال بازىرىنىڭ دەسلەپكى بوسۇغىسى يىڭى ئۈچۈنجى بۆلەككە كىرگەن.2023-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەت ئىدارىسى خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جوڭگو گويۈەن ئاكسىيە شىركىتى بىلەن يىتەكلەش تەربىيلەش كىلىشىمنامىسى تۈزۈپ بىيجىڭ ئاكسىيە بازىرىغا پاينى سىلىش تەييارلىق ھالىتىدە ئەنگە ئىلىنغانلىقىنى ئىلان قىلدى.                    

4-يىندۇلەن ئۇيغۇر تىبابەت پاي چەكلىك شىركىتى،شىركەت 2001-يىلى ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن تىخنىكا تەرەققىيات رايونىدا قۇرۇلغان بولۇپ شىنجاڭ خۇايۈئەن پاي كونتىرۇل گورۇھى قارمىقىدىكى بالا شىركەت.شىركەتنىڭ 11 خىل ئۇيغۇر تىبابەت ئىجازەت دورىلىرى بولۇپ يىللىق تىجارەت سوممىىسى 200مىليۇن ئەتراپىدا.شىركەت 2014-يىلى 12-ئايدا يىڭى ئۈچۈنجى بۆلەككە كىرگەن .                            

يىزا ئىگىلىك ساھەسى:

يىزا ئىگىلىك ساھەسى بولسا كەڭ دائىرلىك ساھە بولۇپ مەن يىزا ئىگىلىك ئاشلىق ساھەسىدىكى بىر قانچە شىركەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.                           

1-شىنجاڭ تىيانشان ئۇنچىلىق گورۇھى پاي چەكلىك شىركىتى-شىركەت 2000-يىلى سانجى ئوبلاستىدا قۇرۇلغان،نۆۋەتتە شىنجاڭدا يىزا ئىگىلىك ئاشلىق ساھەسىدە ئەڭ كۈچلۈك شىركەت.شىركەتنىڭ 2022-يىللىق تىجارەت سوممىىسى 1.5مىلياد يۈئەندىن ئىشىپ كەتكەن.شىركەت دۆلەت مۈلكى كونتىرۇللىقى بىلەن شەخسىي ئىگىلىك ھەمكارلىقىدا بولۇپ جوڭگۇنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى دىگەن نامغا ئىرىشكەن .كەلگۈسدا شىنجاڭدىكى ئۇنچىلىق ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ كاپىتال بازىرىغا كىرگەن شىركەت بولۇپ قالغۇسى.                                 

2-شىنجاڭ خۇامەي شىنلىياڭ ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،شىركەت 2012-يىلى سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىدە قۇرۇلغان،2022-يىللىق تىجارەت سوممىسى 930مىليۇنغا يەتكەن،شىركەتنىڭ سىمەييۈن،چىمەنت،جانبۇلاق قاتارلىق ئۈچ خىل ماركا ئۇنلىرى بولۇپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ 100دى ئارتۇق شەھىرىدە ياخشى ئىتراپقا ئىرىشكەن.بولۇپمۇ سىمەييۈن ئورگانىڭ ئۇنلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىستىمالچىلارنىڭ ياختۇرۇپ سىتىۋىلىشقا مۇيەسسەر بولغان.           

بۇقىتىم ئىلان قىلىنغان يىزا-ئىگىلىك ئاشلىق ساھەسىدىكى شىركەتلەر ئىچىدە يۇقارقى ئىككى شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ ،پاينى بازارغا سىلىشقا شەرتى يىقىنلاپ قالىدىغان شىركەتلەر.                                     

ئۇندىن باشقا ئەلنۇرى،قەشقەر باھارى دەك بۇ قىتىم تىزىملىككە كىرگەن س كۆلچەكتىكى شىركەتلەر گەرچە پاينى بىۋاستە بازارغا سىلىشقا شەرتى توشمىسىمۇ ،ھازىرقى ھالىتى بىلەن يىڭى ئۈچىنجى بۆلەككە كىرىشكە شەرتى تولۇق توشىدۇ.يىڭى ئۈچىنجى بۆلەككە چىقىپ شىركەت تۈزۈلمىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ ،يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تىخىمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئىرىشپ،ئىچكىردىكى كۈچلۈك كاپىتال گورۇھلىرىنى پايچىك قىلىپ ئەكىرىپ ،شۇلارنىڭ كۈچى تەسىر دائىرىسى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سىتىلىش،بازار نىسبىتى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرسە كۈلگۈسى 5-10يىلدا كاپىتال بازىرىغا چىقىش ئىھتىماللىقىمۇ بار.                                                                  

يىقىندا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يىزا ئىگىلىك نازارىتى ،شىنجاڭ پاي ھوقۇق سودا مەركىزى بىرلىشىپ مەركەزنىڭ يىزا نازارنىڭ گۈللەندۈرۈش فاڭجىنىنىڭ روھى بىلەن شىنجاڭدا نى قۇرۇپ چىقىپ دەسلەپتە تەربىيلەپ تەرەققىي قىلدۇردىغان 50 شىركەتنى ئىلان قىلدى.ھەم 3يىلدىن 5 يىلغىچە ئەزا شىركەتنى 300 گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.ئەزالىققا ئىلتىماس قىلىدىغان شىركەتلەر مۇنتىزىم تۈزۈمدىكى شىركەت بولۇش ئالدىنقى شەرت ئاساسىدا يەنە يىللىق تىجارەت سوممىسى 20مىليۇندىن يۇقىرى بولۇش،يىقىنقى بىر يىللىق ساپ كىرىمى 2 مىليۇندىن يۇقىرى بولۇش،مۇقىم مۈلكى 20مىليۇن،ساپ مۈلكى 10مىليۇندىن يۇقىرى بولۇش كىرەك دىگەن تەلەپلەرگە چۈشۈشى كىرەك.                                                  

يىمەك-ئىچمەك ساھەسى:

يىمەك-ئىچمەك ساھەسى كەڭ دائىرلىك بولۇپ 2020-يىلدىن بۇرۇن نازارەت يىمەك-ئىچمەك ئاشخانا ساھەسىدىكى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش،كاپىتال بازىرىغا كىرىش ئىشلىرىنى بەك قوللاپ كەتمەيتتى.دۆلىتىمىز ئاكسىيە بازىرىدىمۇ يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى پاينى بازارغا سالالىغان شىركەتلەر بەكلا ئاز ئىدى.2020-يىلى نازارەت يىمەك-ئىچمەك شىركەتلىرىگە بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشىلىغاندىن كىيىن يىمەك-ئىچمەك ساھەسى ئىقتىسادنىڭ شامال ئىغىزىغا ئايلىنىپ كەسپى مەبلەغ سىلىش گورۇھلىرى يىمەك-ئىچمەك شىركەتلىرىگە تۈركۈملەپ مەبلەغ سىلىشقا باشلىدى. بۇ قىتىم شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگەن بىر قانچە يىمەك-ئىچمەك شىركەتلىرىگە قاراپ باقايلى.                                     

1-شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2005-يىلى 6-ئايدا سانجى قۇتۇبى ناھىيەسىدە قۇرۇلغان،تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 100مىليۇن يۈئەن.شىركەت سۈت،سۈت پاراشۇكى،سۈت ئىچىملىكى قاتارلىق 70خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىدىغان بولۇپ يىللىق تىجارەت سوممىسى بىر مىليارد 100مىليۇن يۈئەندىن يۇقىرى.                                                       

2.شىنجاڭ شىياچۇ يىمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى-شىركەت 1992-يىلى سانجى ئوبلاستىدا قۇرۇلغان بولۇپ ئاچچىقسۇ،جىياڭيۇ قاتارلىق تىتىتقۇچىلارنى تەرقىق قىلىش،ئىشلەپچىقىرىش .سىتىش بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى پەن-تىخنىكا شىركىتى بولۇپ،يىزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۇرۈشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كارخانا،جوڭگۇنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى دىگەن ناملارغا ئىرىشكەن.شىركەت ئىشلەپ چىقارغان ئاچچەقسۇ،جىياڭيۇ قاتارلىق تىتىقۇلار دۆلەت ئىچىدە ياخشى سىتىلىپلا قالماي ئوتتۇرا ئاسىيا،ئامرىكا،ياۋۇرۇپا قاتارلىق ئەللەرگىمۇ چىقىدۇ.ھازىر شىركەت ئۈچ يىل ئىچىدە 500مىليۇن مەبلەغ سىلىپ يىلدا 200مىڭ توننا شوخلا مەھسۇلاتى ئىشلەپ چىقىرىش تۈرىگە كىرىشتى.               

3.شىنجاڭ بەيفۇ يىمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى-شىركەت 1996-يىلى       ئۈرۈمچىدا قۇرۇلغان بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 60مىليۇن يۈئەن.2022-يىللىق تىجارەت سوممىسى 186مىليۇن يۈئەن.شىركەت ھامبورگ       بولكىسى قاتارلىق غەرىپچە تىز تاماقخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ    شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولۇپ 80دەك زەنجىرسىمان دۇكانلىرى بار.شىركەت  2015-يىلى يىڭى ئۈچىنجى بۆلەككە كىرگەن بولۇپ شىنجاڭدىكى يىمەك-ئىچمەك شىركەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ كاپىتال بازىرىنىڭ دەسلەپكى بوسۇغىسىدىن   ئاتلىغان شىركەت.                                                                    

بۇ قىتىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى ئىلان قىلغان شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان،كەلگۈسىدا كاپىتال بازىرىغا كىرىش زاپاس تىزىملىكتىكى كارخانىلار 233 بولۇپ ،بۇلتۇرقى تىزىملىكتىكى بەزى شىركەتلەر بۇيىل چۈشۈپ قالغان،ھەم بەزى يىڭى شىركەتلەر تىزىملىككە كىرگەن. 

شىركەتلەر نۇقتىلىق كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرىش ئۈچۈن ئاۋال چوقۇم مۇنتىزىم كارخانا ھالىتىدە مىڭىشى كىرەك.يەنى شىركەت تىجارەت سودىلىرى شەخسىى ھىساۋاتتا ئەمەس،شىركەت ھىساۋاتىدا ئىلىپ بىرىلغان،مالىيەسى تەرتىپلىك پاكىز بولىشى،قانۇنغا بوي سۇنۇپ دۆلەتگە تەلەپ بويىچە باج تۆللىگەن بولىشى،ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ سۇغۇرتىسىنى تۆلەپ ماڭغان بولىشى،ئۇندىن شىركەتنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى بەلگىلىك ھالەتگە يەتكەن ،مۇقىم مۈلۈككە ئىگە ئەمەلى كۈچى بار شىركەت بولىشى كىرەك.                                                         

بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان 233 شىركەتنىڭ تىزىملىكىنى تولۇق كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشنى چىكىپ كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.                                    

https://www.maigoo.com/news/667016.html

كىلەر قىتىم شىركەتلەرنىڭ قۇرۇلغاندىن باشلاپ تەرەققىي قىلىپ كاپىتال بازىرىغا چىققۇچە بولغان جەريانلاردىكى قانۇنلۇق مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇش يولللىرى ،ئۇسۇللىرى توغرىسىدا تىما تەييارلىنىدۇ.                                                        

  • 发表于:
  • 原文链接https://page.om.qq.com/page/O6ZC9ygdHSnRkg1bWu78lEng0
  • 腾讯「腾讯云开发者社区」是腾讯内容开放平台帐号(企鹅号)传播渠道之一,根据《腾讯内容开放平台服务协议》转载发布内容。
  • 如有侵权,请联系 cloudcommunity@tencent.com 删除。

扫码

添加站长 进交流群

领取专属 10元无门槛券

私享最新 技术干货

扫码加入开发者社群
领券