چۈەنجيەننىڭ سالونى ئۈندىداردا بېلەت تاشلاپ تورداشلارنى ئۆزى تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرسا ھېچكىم تۇرمىدى
https://hot.cnbeta.com/articles/funny/803141
cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
12-ئاينىڭ 25-كۈنى داڭلىق سالون «دىڭشياڭ دوختۇر» سالونىدا «مىلياردلىق ساقلىقنى ساقلاش ئىمپېرىيەسى چۈەنجيەن ۋە ئۇنىڭ سايىسىدىكى جۇڭگو ئائىلىلىرى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، چۈەنجيەن گۇرۇھىنىڭ ساختا تەشۋىقات قىلىش، شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ئاشكارىلىدى. كىچىككىنە بىر تاش غايەت زور دولقۇن ھاسىل قىلدى، تورداشلارنىڭ دېيىشىچە، ئاخىرى چۈەنجيەننى «كالتەكلەيدىغان» ئادەم چىققان. پەن-تېخنىكا گېزىتى چۈەنجيەن شىركىتىنىڭ ئۈچ خىل «ئاجايىپ» داۋالاش ئۇسۇلى ۋە مەھسۇلاتى: ئوت بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى، سۆڭەك كېسىلىنى داۋالايدىغان پېتەك ھەمدە «دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا» قوللىنىلغان تازىلىق قەغىزىگە قارىتا مەخسۇس ئىلمىي چۈشەنچە بەرگەن.
ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، «دىڭشياڭ دوختۇر» چۈەنجيەننىڭ ئادۋوكات خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان،
ئەدلىيە باسقۇچىغا كىرىشكە تەييارلانغان؛ تيەنجىن شەھەرلىك پارتىكوم، شەھەرلىك ھۆكۈم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەرلىك بازار باشقۇرۇش كومىتېتى، شەھەرلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى ۋە ۋۇچىڭ رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، چۈەنجيەن گۇرۇھىغا كىرىپ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغان.
28-دېكابر، «چۈنجيەن ئوتتا داۋالاش ھېكايىلىرى» ناملىق ئۈندىدار سالونى «چۈنجيەن دىڭشياڭ دوختۇرغا ئادۋوكات خېتى ئەۋەتتى! چۈەنجيەن ئورگان تەرەپ قاتتىق باياناتى! ھەقىقەت تالاش-تارتىشلاردىن غالىپ كېلىدۇ! ئادالەت كىشىلەر قەلبىدە! قېرىنداشلار، سىلەر كىمنى قولايسىلەر؟ بېلەت تاشلاڭلار! چۈنجيەن ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلايلى!» دېگەن ھەيران قالارلىق ئۇزۇن تېمىنى قويۇپ ماقالە يوللىنغان.
ماقالىدە ئالدى بىلەن ئادۋوكات خېتى ۋە چۈەنجيەننىڭ «قاتتىق باياناتى»نى ئېلان قىلغان، ئاندىن دىڭشياڭ دوختۇر دىڭشياڭ باغچىسى ۋە دىڭشياڭ ئانا قاتارلىق سالونلارنىڭ «پەردە ئارقىسىدىكى سالاھىيىتى»نى ئانالىز قىلغان ھەمدە «قېرىنداشلار سەگەك بولايلى، ئەگىشىپ داۋراڭ سالمايلى بولامدۇ؟ چۈەنجيەننىڭ چىشىغا تەگكەن كىشىلەرنى بەدەل تۆلەتكۈزەيلى! چۈەنجيەننى قوللايلى، جۇڭيى تېبابىتىنى قوللايدۇ، مىللىي كارخانىنى قوللايلى. چۈەنجيەن چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، چۈەنجيەن ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلايلى!» دەپ يازغان.
يەنە بېلەت تاشلاش قىلغان: دىڭشياڭ دوختۇر بىلەن چۈەنجيەندىن كىمنى قوللايسىز؟ قېنى بېلەت تاشلاڭ!
نەتىجىدە دىڭشياڭ دوختۇرنى قوللايدىغانلار %91كە يەتكەن. بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلار سانىمۇ 80 مىڭغا يەتكەن. دەسلەپتە چۈەنجيەننى قوللاش نىسبىتى %8 بولۇپ، نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا %7كە چۈشۈپ قالغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ ئۈندىدار سالوننى رويخەتكە ئالدۇرغان شىركەت يىۋۇ شەھىرىدىكى جىشاڭ تور سودا چەكلىك شىركىتى بولۇپ، چۈەنجيەن ئوت بىلەن داۋالاشنىڭ تاۋار ماركىسى باركەن.
نۆۋەتتە، بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنىلا تەكشۈرمەكتە، ئەمما ئامما چۈەنجيەننىڭ خىلمۇخىل ئىلمىي بولمىغان مەھسۇلات ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى بىز ھەر قېتىملىق ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئالدامچىلىقى، ھەر قېتىملىق ساختا دورا بىلەن كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن يىرگىنىمىز، ئالدامچىلارنىڭ قانداقسىغا شۇنچىلىك دەرىجىدە رەززىللىشىپ كەتكەنلىكىدىن نەپرەتلىنىمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نېمىشقا شۇنچە بىمەنە يالغانلارغا ئىشەنگەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىمىز.
ئاخىرىدا بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئاممىغا ئېنىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
https://www.nur.cn/news/2018/12/4111401.shtml
领取专属 10元无门槛券
私享最新 技术干货